خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە ئېسسېكس ۋىلايىتى ساقچىلىرى 28-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا بۇ ۋىلايەتتە يۈز بەرگەن يۈك ئاپتوموبىلى پاجىئەسىگە چېتىشلىق شوپۇرنىڭ شۇ كۈنى سوتقا چىقىپ سوراق قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتقا ئاساسلانغاندا، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ ئىسمى مورىس روبىنسون بولۇپ، بۇ يىل 25 ياش، ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئېرلاندىيەدىن كەلگەن، 23-چېسلا دېلو يۈز بەرگەن كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ۋە ئادەم يۆتكەپ سېتىشقا قاتنىشىش، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشىگە ياردەملىشىش ۋە پۇل يۇيۇش قاتارلىق 39 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى.
روبىنسون شۇ كۈنى سىن ئارقىلىق ئېنگىلاند يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىشىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭغا قارىتىلغان كېيىنكى قېتىملىق سوت 25- نويابىر لوندوندىكى مەركىزىي جىنايى ئىشلار سوتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئېسسېكس ۋىلايەتلىك ساقچى تەرەپ 27-چېسلا يەنە ئىككى ئەر، بىر ئايالنىڭ بۇ دېلوغا چېتىشلىق بولغانلىقتىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، لېكىن بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ھازىر كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئېسسېكس ۋىلايەتلىك ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، دېلوغا چېتىشلىق يۈك ئاپتوموبىلىدا بايقالغان 39 جەسەتنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كېلىنىپ تەكشۈرۈلگەن، ساقچىلار چىش، بارماق ئىزى ۋە DNA نى سېلىشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىدىكەن. ساقچى تەرەپ يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كىيىم-كېچەك، يان تېلېفون قاتارلىق 500 دىن ئارتۇق بۇيۇمنى يىغىپ رەتلىدى. لېكىن ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا يەنىلا ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ساقچى تەرەپ ئەھۋالنى بىلگۈچىلەرنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە، تەكشۈرۈشكە ياردەملىشىشكە مۇراجىئەت قىلدى.
ئېسسېكس ۋىلايىتى ساقچى تەرەپ سەل ئىلگىرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتى تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش ۋە كاشىلا قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قالايمىقان پەرەز قىلماسلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئەنگىلىيە ساقچىلىرى 23-ئۆكتەبىر ئېنگىلاندنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى ئېسسېكس ۋىلايىتىنىڭ بىر سانائەت رايونىدىكى بىر يۈك ئاپتوموبىلىدىن 39 جەسەتنى بايقىدى. ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يۈك ئاپتوموبىلى بۇلغارىيەدە تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، 19-چېسلا ۋېلش دېڭىز پورتى شەھىرى خولىخېد ئارقىلىق ئەنگلىيەگە كىرگەن بولۇپ، كونتېينېر بېلگىيەدىن كەلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى