مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

فرانسىيە گالاي پورتىدىكى بىر سوغۇق ساقلاش يۈك ئاپتوموبىلى ئىچىدە 8 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەنلەر بايقالدى

2019.10.29 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 28- چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە گالاي پورتىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار 27- چېسلا بىر سوغۇق ساقلاش يۈك ئاپتوموبىلى ئىچىدە ئافغانىستاندىن كەلگەن سەككىز قانۇنسىز كۆچمەننى بايقىغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۆتى كىچىك بالا ئىكەن. شۇ جايدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ يېنىك تىپتىكى سوغۇق ساقلاش يۈك ئاپتوموبىلى ئەنگلىيەگە بارىدىغان كېچىك پاراخوتىنى ھەيدەپ چىقىشتىن بۇرۇن، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار پورتتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ۋاگوننىڭ ئاستىدىكى قىستۇرما قەۋەتكە يوشۇرۇنغانلىقىنى، قىستۇرما قەۋەتنىڭ سىرتتىن قۇلۇپلانغانلىقىنى بايقىدى. بۇ يۈك ئاپتوموبىلىدا يەنە توڭلىتىلغان توخۇ گۆشى قاچىلانغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋاگون ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاران 7 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، 8 كىشىنىڭ ھەممىسىدە يېنىك دەرىجىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈپ، بايقالغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ھەمدە شۇ كۈنى كەچتە دوختۇرخانىدىن چىققان. رۇمىنىيە تەۋەلىكىدىكى ئىككى شوپۇر قولغا ئېلىندى. نۆۋەتتە يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ نومۇر تاختىسىنى تىزىملاش ئورنى ۋە يۈرۈش لىنىيىسى تېخى ئېنىق ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ