ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر يىغىلىشتا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككى ئادەم قازا قىلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى

2019.10.28 16:15 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى خېنت ۋىلايىتىنىڭ گرېنۋىل شەھىرىدە، ساقچىلار ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا خىزمەت قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتى خېنت ۋىلايىتىنىڭ گرېنۋىل شەھىرىدە 27-چېسلا سەھەردە ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى، يەنە 10 نەچچە ئادەم يارىلاندى.

  ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئوققا تۇتۇش تەخمىنەن 750 ئادەم قاتناشقان بىر يىغىلىشتا يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر ئەر تاپانچا بىلەن قاتىللىق قىلغان. ئاز دېگەندە تۆتتىن بەشكىچە يارىدار تېكساس يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى داشۆسى كېموس مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. قاتىللىق قىلغان ئەر ھازىر قېچىپ يۈرمەكتە ئىكەن.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قىسمەن يارىدارلارنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.

  شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋەقەنى تەكشۈرمەكتە.

  ساقچى تەرەپ ئاز دېگەندە 20 نەپەر ۋەقەنە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىدىن گەپ سورىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قاتىلنىڭ سىرتقى قىياپىتى توغرىسىدا ئېنىق تەسۋىرگە ئېرىشەلمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ