توكيو خەلقئارا كىنو بايرىمى جۇڭگو كىنو ھەپتىلىكى توكيودا باشلاندى

2019.10.25 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 24-كۈنى، ياپونىيەنىڭ توكيودا، ياپونىيە-جۇڭگو دوستلۇقى پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى لىن فاڭ 32-نۆۋەتلىك توكيو خەلقئارا كىنو بايرىمى جۇڭگو كىنو ھەپتىلىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 32-نۆۋەتلىك توكيو خەلقئارا كىنو بايرىمى جۇڭگو كىنو ھەپتىلىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 24-ئۆكتەبىر ياپونىيەنىڭ توكيودىكى رېيالىزملىق گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى جۇڭگو كىنو ھەپتىلىكى پائالىيىتى 22- ئۆكتەبىردىن 27-ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، توكيو خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ ھەمكارلىق تۈرى. كىنو ھەپتىلىكى مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى 10 كىنو ئەسىرى قويۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە «ناجا: ئالۋاستى بالىنىڭ دۇنياغا كېلىشى»، «سەرگەردان يەر شارى»، «جۇڭگولۇق ئايروپىلان باشلىقى»، «ئوت يالقۇنىدىكى قەھرىمان» قاتارلىقلار بار، بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە تاماشىبىنلىرى ئوخشىمىغان تېما، ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى جۇڭگو كىنولىرىنى كۆرۈپ، ئۆزگىرىۋاتقان جۇڭگونى تېخىمۇ چۈشىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ