خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 24- چېسلا كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: باش ئەلچىخانا 23- چېسلا ئېسسېكس ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يۈك ئاپتوموبىلى پاجىئەلىك ۋەقەسى توغرىسىدا ئەنگلىيە ساقچىلىرى بىلەن ئالاقىلاشتى، ئەنگلىيە ساقچىلىرى قازا قىلغانلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاۋاتقانلىقىنى، قازا قىلغانلارنىڭ جۇڭگو دۆلەت تەۋەلىكىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا مۇنداق دىيىلدى: ئەلچىخانا ئەۋەتكەن كونسۇل ئىشلىرىغا مەسئۇل ئاممىۋى كېڭەش خادىملىرى ئېسسېكس ۋىلايىتىگە يېتىپ باردى ھەمدە ئەنگىلىيە يەرلىك ساقچىلىرى بىلەن ئالاقىلاشتى.
ئەنگلىيە ساقچى تەرەپ 23- چېسلا مۇنداق دېدى: بىز ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىمدىكى ئېسسېكس ۋىلايىتىدىكى بىر سانائەت رايونى ئىچىدە كېتىۋاتقان بىر كونتېينېر يۈك ئاپتوموبىلىدىن 39 جەسەتنى بايقىدۇق. ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يۈك ئاپتوموبىلى بۇلغارىيەدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولۇپ، 19- چېسلا ۋېلش دېڭىز پورتى شەھىرى خولىخېدتىن ئەنگلىيەگە كىرگەن. يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى ئەر بولۇپ، بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن، ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئېرلاندىيەدىن كەلگەن، ھازىر ئۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ