خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە ساقچى تەرەپ 23- چېسلا مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىمدىكى ئېسسېكس ۋىلايىتىدىكى بىر سانائەت رايونىدا كېتىۋاتقان بىر كونتېينېر يۈك ئاپتوموبىلىدىن 39 جەسەت بايقالدى. ئېسسېكس ۋىلايىتىدىكى ساقچى تەرەپ بايانات ئېلان قىلىپ، ساقچى تەرەپ شۇ كۈنى سەھەردە جىددىي قۇتقۇزۇش ئورگىنىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن نەق مەيدانغا بېرىپ، يۈك ئاپتوموبىلىدا 39 ئادەمنىڭ جەسىتىنى، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرامىغا يەتمىگەن بىر بالىنىڭ جەسىتىنىڭمۇ بارلىقىنى بايقىدى، دېدى.
ساقچى تەرەپ ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېنىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن، يۈك ئاپتوموبىلىدا ھايات قالغانلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى چۈشەندۈرمىدى.
ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ بۇلغارىيەدىن كەلگەنلىكىنى، 19- چېسلا ۋېلش دېڭىز پورتى شەھىرى خولىخېدتىن ئەنگلىيەگە كىرگەنلىكىنى تەكشۈردى. يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى ئەر بولۇپ، بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن، شىمالىي ئېرلاندىيەدىن كەلگەن، ھازىر ئۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ