فىرانسىيە لوۋېر سارىيى داۋىنچ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 500 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئالاھىدە كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ

2019.10.24 13:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، پارىژدىكى لوۋېر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن داۋىنچ رەسساملىق ھاياتىنى ئەسلەش كۆرگەزمىسىدە، كۆرگەزمىنى پىلانلىغۇچى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرىغا «گۈزەل فىلونىيە خانىم» ناملىق رەسىمنى چۈشەندۈرمەكتە.

  بۇ يىل ئەدەبىيات-سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈشنىڭ پېشۋاسى لېئوناردو داۋىنچ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 500 يىللىقى، پارىژدىكى لوۋېر سارىيى 24-ئۆكتەبىردىن باشلاپ داۋىنچنىڭ رەسساملىق ھاياتىنى ئەسلەش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ. ئالاھىدە كۆرگەزمە 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ قېتىمقى ئالاھىدە كۆرگەزمىدە لوۋېر سارىيىدا ساقلانغان داۋىنچنىڭ «قىيادىكى بۈۋى مەريەم ئانا»، «گۈزەل فىلونىيە خانىم»، «چوقۇندۇرغۇچى ساينت جون» ۋە «بۈۋى مەريەم ئانا ۋە ساينت ئاننى» قاتارلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىكى مۇزېيلارمۇ ئۆزلىرى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان داۋىنچنىڭ ھەقىقىي ئەسەرلىرىنى ئارىيەتكە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك تاماق» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ تەقلىدىي ئەسەرلىرىمۇ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ