ياپونىيە ساماۋى پادىشاھى تەختكە ئولتۇرغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى

2019.10.23 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە، ساماۋى پادىشاھى نارۇھىتو (سولدا) بىلەن خانىش ماساكو تەختكە ئولتۇرۇش «زىياپەت مۇراسىمى»غا قاتناشتى.

  ياپونىيە ساماۋى پادىشاھى نارۇھىتو 22-ئۆكتەبىر خان تۇرالغۇسىدا «تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيەنىڭ 126-ئەۋلاد ساماۋى پادىشاھىنىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. شۇ كۈنى كەچتە يېڭى ساماۋى پادىشاھىنىڭ تەختكە ئولتۇرۇش زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى، ساماۋى پادىشاھى ئەر-خوتۇن ۋە خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى چەت ئەل باشلىقلىرى قاتارلىق مېھمانلار بىلەن بىللە زىياپەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ