رۇسىيەدە يۈز بەرگەن توسما ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 15 ئادەم قازا قىلدى، نۇرغۇن ئادەم يوقاپ كەتتى

2019.10.21 13:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە كراسنويارسك چېگرا رايونىدىكى بىر توسما 19-ئۆكتەبىر ئۆرۈلۈپ چۈشتى، نۆۋەتتە 15 ئادەم قازا قىلدى، نۇرغۇن ئادەم يوقاپ كەتتى.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرى شۇ كۈنى رۇسىيە جىددىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: شۇ جاي ۋاقتى 19-چېسلا سەھەر سائەت ئىككى (بېيجىڭ ۋاقتى 19-چېسلا سائەت يەتتە) ئەتراپىدا، كراسنويارسك چېگرا رايونى كۇلاگىنو رايونىدىكى بىر كەنت ئەتراپىدا، بىر ئالتۇن كانى شىركىتىنىڭ توسمىسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئىككى ئېغىز ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياتىقىنى سۇ بېسىپ كەتتى. ھادىسىدە 15 ئادەم قازا قىلدى، 13 ئادەم يوقاپ كەتتى، 14 ئادەم يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئادەم ئېغىر يارىلاندى.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا تەخمىنەن 270 قۇتقۇزۇش خادىمى ۋە تەخمىنەن 50 مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە ئەۋەتكەن. جىددىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى زىنچېف ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى ھەمدە قۇتقۇزۇش كۆلىمى ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.

  رۇسىيە فېدراتسىيە تەھقىقلەش كومىتېتى بۇ ۋەقەگە قارىتا جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو تۇرغۇزدى ھەمدە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ