خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، نيۇيوركتىكى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا فونتانلا ئېتىۋېتىلدى. 14-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر نيۇيوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، ھەر كۈنى «خىزمەت» قىلىدىغان فونتاننىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىدى. ب د ت بىناسىغا كىرگەندە دائىم ئىشلىتىدىغان ئاپتوماتىك لىفىتمۇ توختاپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ب د ت شۇ كۈندىن باشلاپ قاتتىق بولغان چىقىمنى تېجەش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، دۇچ كەلگەن ئېغىر مالىيە كىرىزىسىدىن ئۆتمەكچى بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ