خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى 14- چېسلا، 2019- يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىنى ئابىگىت بەنناجى، ئېستېر دىفلو ۋە مايكىل كرېممېر قاتارلىق ئۈچ ئىقتىسادشۇناسقا بېرىپ، ئۇلارنىڭ يەر شارىدا نامراتلىقنى يېنىكلىتىش تەتقىقات ساھەسىدە قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىلىرىنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بەنناجى 1961- يىلى ھىندىستاندا تۇغۇلغان، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىدا ۋەزىپە ئۆتىمەكتە؛ دېفلو 1972- يىلى فىرانسىيەدە تۇغۇلغان، ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئەڭ ياش ئىقتىسادشۇناس، شۇنداقلا ھازىرغىچە نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىككىنچى ئايال؛ كرېممېر 1964- يىلى تۇغۇلغان، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ