مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ترامپنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنى سۇرىيەنىڭ شىمالىي رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتتى

2019.10.14 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئېسپېر 10- ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئويلىشىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ تەخمىنەن 1000 كىشىلىك ئامېرىكا ئارمىيەسىنى سۇرىيەنىڭ شىمالىي رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشقا بۇيرىدى.

  ئېسپېر 10-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا كولومبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆزىنىڭ ترامپ بىلەن سۇرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىپ، ئارقىدىن ترامپنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنى سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىن چېكىنىپ چىقىشقا بۇيرۇغانلىقى، بۇنىڭغا چېتىشلىق تەخمىنەن 1000 كىشىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئېسپېر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا ئىمكانقەدەر تېزدىن چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن ئەسكەرلەرنىڭ چېكىنىدىغان كونكرېت ۋاقتى، شۇنداقلا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيەدىن چېكىنىپ چىقىدىغان-چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمىدى.

  ئېسپېر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئەسلىي پىلاندىكى رايون دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقى، سۇرىيە چېگراسى ئىچىدە غەرب ۋە جەنۇب يۆنىلىشى بويىچە كېڭىيىدىغانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ