خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كرېتارو ئىشتاتلىق بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ 11-ئۆكتەبىر دېيىشىچە، مەزكۇر ئىشتاتتا شۇ كۈنى بىر پويىز بىلەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، توققۇز ئادەم قازا قىلغان، 13 ئادەم يارىلانغان.
كرېتارو ئىشتاتى بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ مەسئۇلى خۇئان ماكوس گرانادوس تاراتقۇدا مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس سان خۇئان شەھىرىدىكى بىر تۆمۈريول ئېغىزىغا كەلگەندە، جىددىي ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان، ئارقىدىن كېتىۋاتقان بىر پويىز بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىققان.
ساقچىلار ئېلان قىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، كوچا ئاپتوبۇسى تۆمۈر يول ئۇلىغا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، پۈتۈنلەي بۇزۇلغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا بېرىپ يارىدارلارنى قۇتقۇزدى ھەمدە يارىدارلارغا پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بەردى.
ھازىر، ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى ساقچىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ