خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيادىكى ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغان تۇنجى كىشى ئالېكسېي لېئونوف 11- ئۆكتەبىر موسكۋادا كېسەل سەۋەبىدىن 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
رۇسىيە تاسس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لېئونوفنىڭ ياردەمچىسى ناتالىيا فىلىمونوۋا، روسىيە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى ئاخبارات باشقارمىسى شۇ كۈنى بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى دەلىللىدى. فىلىمونوۋا لېئونوفنىڭ دەپنە مۇراسىمى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى موسكۋا ئىشتاتىدىكى فېدېراتسىيە ھەربىيلەر خاتىرە قەبرىستانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
لېئونوۋ 1934-يىلى تۇغۇلغان. 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، لېئونوف ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا كايۇتىدىن 12 مىنۇت ئايرىلىپ ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىپ، دۇنيادىكى ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ