پولشالىق ۋە ئاۋسترىيەلىك ئىككى يازغۇچى ئايرىم-ئايرىم 2018- يىللىق ۋە 2019-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2019.10.11 15:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىۋېتسىيە ئەدەبىيات شۆيۈەنى 10- ئۆكتەبىر، 2018-يىللىق ۋە 2019-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پولشالىق ئايال يازغۇچى ئولگا توكارچۇك ۋە ئاۋسترىيەلىك يازغۇچى پېتېر خەندىكقا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  شىۋېتسىيە ئەدەبىيات شۆيۈەنىنىڭ دائىمىي كاتىپى مارس مالم شۇ كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى ئېلان قىلغاندا مۇنداق دېدى: توكارچۇكنىڭ «قايناق ھېسسىياتقا تولغان بايان قىلىش تەسەۋۋۇرى بىر خىل چېگرا ھالقىغان تۇرمۇش شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ»، خەندىك بولسا ئۆزىنىڭ «مول تىلشۇناسلىق ئىقتىدارى، تەسىر كۈچىگە ئىگە ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەجرىبىسىنىڭ سىرتقى ۋە خاسلىقى» ئۈستىدە ئىزدەنگەن.

  ئەدەبىيات شۆيۈەنىنىڭ شۇ كۈندىكى ئاخباراتىدا مۇنداق دېيىلدى: 1962-يىلى پولشادا تۇغۇلغان توكارچۇك رېئاللىقنى مەڭگۈلۈك شەيئى دەپ قارىمىغان، ئۇ قارىمۇقارشى مەدەنىيەت تەرەپلىرى ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ رومانىنى بەرپا قىلغان. مەسىلەن، «ئەقىل بىلەن ئەسەبىيلىك، ئەرلەر بىلەن ئاياللار، ئائىلە بىلەن يىراقلىشىش» قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە پولشانىڭ تارىخى ۋە رېئاللىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «تەيگۇ ۋە باشقا ۋاقىت»، «نۆۋەتچى ئايروپىلان» قاتارلىقلار بار.

  خەندىك 1942-يىلى ئاۋسترىيەنىڭ كۋېنتېڭ ئىشتاتىدا تۇغۇلغان، ئۇ رومان، فېليەتون، تىياتىر ۋە كىنو سېنارىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياۋروپادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك يازغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ