جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتى ياپونىيەگە يېتىپ باردى، خەلقئارا فىلوت پاراتىغا قاتنىشىدۇ

2019.10.11 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «تەييۈەن» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتى ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ناھىيەسى خېڭشۈخې يېڭى پورتى سودا پىرىستانىدا توختىتىلدى.

  جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «تەييۈەن» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتى 10- ئۆكتەبىر ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ناھىيەسى خېڭشۈخې يېڭى پورتى سودا پىرىستانىغا يېتىپ باردى، بۇ پاراخوت 14-ئۆكتەبىر ياپونىيە دېڭىز ئۈستى قوغدىنىش قىسىمى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارا فىلوت پاراخوت پاراتى پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. بۇ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيە پاراخوتىنىڭ 10 يىلدىن كېيىن ياپونىيەنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىشى، شۇنداقلا جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ