4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق يىغىنى سېربىيەدە ئۆتكۈزۈلدى

2019.10.10 15:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 8-كۈنى سېربىيە پايتەختى بېلگرادتا، 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشقان مېھمانلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق يىغىنى 8-ئۆكتەبىر سېربىيە پايتەختى بېلگرادتا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئىككى كۈن داۋاملاشتى، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپادىكى 17 دۆلەتلەردىن كەلگەن 600 گە يېقىن ۋەكىل قاتناشتى. يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر سېربىيە بىلەن 12 تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇلار تېببىي دورا، مۇھىت ئاسراش، ئەقىل-پاراسەتلىك شەھەر، ئورتاق قۇرىدىغان تەجرىبىخانا قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ