مەخسۇس زىيارەت: «جۇڭگو كارخانىلىرى سۇۋەيىش قانىلى ئىقتىسادىي رايونىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاۋانگارت كۈچ»

− مىسىر سۇۋەيىش قانىلى ئىقتىسادىي رايونىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى زاكىنى زىيارەت

2019.10.09 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 7-كۈنى، مىسىر سۇۋەيش ئۆلكىسى سۇخناي پورتىدىكى ئىقتىسادىي رايون باش ئىشتابىدا، مىسىر سۇۋەيش قانىلى ئىقتىساد رايونىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى يەھيا زاكى مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىر سۇۋەيش قانىلى ئىقتىسادىي رايونىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى يەھيا زاكى يېقىندا سۇۋەيش ئۆلكىسى سۇخناي پورتىدىكى ئىقتىسادىي رايون باش ئىشتابىدا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كارخانىلىرى سۇۋەيىش قانىلى ئىقتىسادىي رايونىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاۋانگارت كۈچ، بىز جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قوشقان تۆھپىسىگە چىن كۆڭلىمىزدىن ئاپىرىن ئوقۇيمىز. جۇڭگو-مىسىر تەيدا سۇۋەيش ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونى ئىزچىل ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلۇشى، يول ئېچىشتا يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ