ئۈچ ئالىم 2019-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2019.10.09 16:07 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 8-كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولمدا، شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى 2019-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنى ئېلان قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى 8-ئۆكتەبىر 2019-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ئۈچ ئالىمغا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكىدىن كەلگەن جامېس پىبلېس كائىناتقا ئالاقىدار تەتقىقاتلىرى بىلەن مۇكاپاتلاندى، شىۋېيتسارىيەدىن كەلگەن مىشېل مايور بىلەن دىدىيېر كۇلوز تۇنجى قېتىم قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى سەييارىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ