مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كونگو (كىنشاسا)غا تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش ئايال ئەسكەرلىرى باردى

2019.09.29 17:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  لى ئاكا «جۇڭگو يېرىم ئارىلى»غا كىرگەندە، ئۆزىنىڭ تىنچلىق ساقلاش لاگېرىغا تۇنجى بولۇپ قەدەم قويغان ئايال ئەسكەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.

  لى ئاكا كىچىك ئاكا ئەمەس، ئۇنىڭ ئىسمى ياڭ شياۋلى بولۇپ، بىر چىرايلىق قىز.مىجەزى چۇس، ئىش قىلغاندا قابىلىيەتلىك بولغاچقا،ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ «لى ئاكا» دەپ ئاتىغان ئىدى.

  ياڭ شياۋلى 23- تۈركۈمدە ئەۋەتىلگەن كونگو (كىنشاسا) دا تىنچلىق ساقلاش قۇرۇلۇش قىسمى شۆبە ئەترىتىنىڭ شاڭۋېي سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىنژېنېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېرىنچى ئېشېلونى ئەترىتىگە ئەگىشىپ 18 سائەت بوشلۇقتا ئۇچۇش ۋە 5 سائەت يەر يۈزىدە ھەرىكەتلىنىش ئارقىلىق، كونگونىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تېنچلىق ساقلاش ۋەزىپە رايونىغا ئالدى بىلەن يېتىپ باردى.

  جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش قىسمى 2003 - يىلى كونگو ( كىنشاسا ) نىڭ بۇكاۋۇ رايونىغا ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، بىر تۈركۈم تىنچلىق ساقلاش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى ساقلاش ئوردىنىغا ئىگە بولدى.جۇڭگو قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى لاگىرىدىكى كۆپ تۈركۈم ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دوست ئارمىيەلەر ۋە تۇرۇشلۇق دۆلەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن « جۇڭگو يېرىم ئارىلى » دەپ ئاتالدى.

  تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپە رايونى جاپالىق بولغاچقا،ئىلگىرى « جۇڭگو يېرىم ئارىلى » ئىزچىل ئەرلەرنىڭ دۇنياسى بولۇپ كەلدى، ئاياللار تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى ئەزەلدىن كېلىپ باقمىدى.23-تۈركۈمدىكى قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى شۆبە ئەترىتى قۇرۇلغاندا، چېڭدۇدا تۇرىۋاتقان ياڭ شياۋلى دەرھال تىزىملاتتى.

  ياڭ شياۋلى تاللاپ باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىغا مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ھەربىيلەرنىڭ ھاياتىدا بىر قېتىملىق تىنچلىق ساقلاش كەچۈرمىشى بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدا جىنسىغا بەك قاراپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، مەن ئەزەلدىن گىرىم قىلمايمەن، سۇنىمۇ ناھايىتى تېجەشلىك ئىشلىتىمەن.

  ئەينى چاغدا كونگو (كىنىشاسا)دا ئېبولا يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىغان ئىدى.9 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە، بۇ دۆلەتتە ئېبولا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار 3000 دىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلگەنلەر 2000 دىن ئاشقان ئىدى.

  ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە يۇقۇم ئەھۋالى جۇڭگولۇق ئايال ھەربىيلەرنىڭ يولىغا توسقۇنلۇق قىلالمىدى.ئۇنىڭدىن باشقا، تەرجىمان لېيتېنانت ساۋ لى 2-ېشېلونغا ئەگىشىپ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تىرانسپورت ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ «جۇڭگو يېرىم ئارىلى» غا بارىدىغان يولىدىكى 90 - يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بۇ ئايال ئوفىتسېرمۇ كونگو (كىنشاسا) تىنچلىق ساقلاش قۇرۇلۇش شۆبە ئەترىتىگە 23 - تۈركۈمدە بارغان ئەزالارنىڭ بىرى ئىدى.

  چۇڭچىڭ داشۆسى ئىنگلىز تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ساۋ لى ياڭ شياۋلىغا ئوخشاش دۆلەت ئىچىدە قاتتىق تاللانغان، سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى تەربىيىلەنگەن،بەدەن ئىقتىدارى،تاكتىكىسى ۋە كەسپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تاللاش شەرتىگە يەتكەن ئىدى.

  ئىككى ئايال ئوفىتسېر «جۇڭگو يېرىم ئارىلى» دىكى بىر ئېغىز قۇراشتۇرما ئۆيدە تۇرۇپ، بىر يىللىق تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە ئورۇندىدى.قىيىنچىلىققا قارىتا ساۋ لى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : «نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن، لېكىن يەڭگىلى بولمايدىغان ئىش يوق ئىكەن.

  جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان 29 يىلدىن بۇيان، ھەربىي تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنى 40 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئەۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر مىڭغا يېقىن ئايال تىنچلىق ساقلاش خادىمى بار.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆپلىگەن باش كاتىپلىرى تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇپ، جىنىس باراۋەرلىكى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك دېگەن تەشەببۇس چىقاردى.بۇ تەشەببۇسقا جۇڭگو ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى ھەمدە ئايال تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ئىش ئورنىنى ئەسلىدىكى يەككە داۋالاشتىن ئۇرۇش قىلىش ۋە ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىغا كېڭەيتتى.

  جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش قىسمىدا داۋالاش شۆبە ئەترىتىدە ئايال ھەربىي دوختۇر، ناركوز قىلغۇچى ۋە سېسترا قاتارلىق تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى سەپلەنگەندىن باشقا، جەنۇبىي سۇداندا جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر لاگېرىغا بىر ئايال ئەسكەرلەر جەڭگىۋار بەنى سەپلەندى ؛ لىۋاندا 95 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئاياللار بومبا چۇۋۇش ئەترىتى مىنا تازىلاش مەيدانىغا بېرىپ مىنا تازىلىدى؛ دارفۇردا، جۇڭگولۇق ئايال ھەربىي كۆزەتكۈچىلەر كۆك قالپاق كىيىپ، قەبىلە ۋە يېزا - بازارلار ئارىسىدا موكىدەك قاتناپ ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلدى.

  2016-يىلى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بېيجىڭدا تۇنجى قارارلىق ئاياللار تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنى خەلقئارالىق تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، ئاساسلىقى ئايال ئوفىتسېرلارنى تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپە رايونىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا كېرەكلىك بىلىم ۋە ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلىدى، بارغانسىرى كۆپلىگەن ئايال ھەربىيلەر تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ۋەزىپە رايونلىرىدا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.ئايال تىنچلىق ساقلاش خادىملىرى ئۆزىگە خاس ئەستائىدىللىقى ۋە سەمىمىيلىكى بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش، ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ، تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە.

  ياڭ شياۋلى ئېغىرلىق چېكى بار سومكىدىن ئۈچتىن بىر قىسىم بوشلۇقنى چىقىرىپ ھەر خىل كەمپۈتلەرنى قاچىلىدى.ياڭ شياۋلى مۇنداق دېدى : مەن كەمپۈت يېمەيمەن، لېكىن مەن ھەربىر سەپدىشىم ئۈچۈن بىر تال سۈت كەمپۈت تەييارلاپ قويۇپ، سەپدىشىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە سوۋغا قىلىمەن.

  قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش- ئۆتكۈزۈۋېلىش تاماملانغاندىن كېيىن، 23-تۈركۈمدە كونگو كىنشاساغا بېرىپ تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ قوماندانى خوۋ يۇڭ «جۇڭگو يېرىم ئارىلى»غا ماكانلاشقان 1 - بەن ئىش ئورنىنى ياڭ شياۋلىغا تاپشۇرۇپ بەردى.ياڭ شياۋلى «جۇڭگو يېرىم ئارىلى» غا كىرگەن تۇنجى جۇڭگولۇق ھەربىي بولۇش سۈپىتى بىلەن قاراۋۇللۇق ئورنىدا چەت ئەلدىكى تۇنجى قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋالدى.

  خوۋ يۇڭ: بۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىش، ھەم ئۇنىڭغا تىنچلىق ساقلاش قىسىمىدا پەقەت ھەربىي بارلىقىنى، ئايال يوقلۇقىنى ئېيتىپ قويۇش، دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ