مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ترامپنى ئەيىبلەش تەكشۈرۈشى باشلىنىدىغان بولدى

2019.09.29 17:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ زۇڭتۇڭغا قارىتىلغان ئەيىبلەش تەكشۈرۈشىنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆزەتكۈچىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئەيىبلەش ئارقىلىق ترامپنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلاش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئەمەس، لېكىن 2020-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئالدىدا، ئەيىبلەش تەكشۈرۈشى بەلكى سايلام ئەھۋالىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلىش سادالىرى ئىزچىل كۆتۈرۈلۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن پېلوسى شارائىتنىڭ پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئەيىبلەش تەرتىپىنى باشلاشنى رەت قىلغان. ۋاھالەنكى، ترامپنىڭ ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنىسكى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق تېلېفون سۆزلىشىشى پېلوسىنىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتتى.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى بىر ئەرباب يېقىندا ترامپ بۇ يىل 7 - ئايدا زېلېنسكىي بىلەن تېلېفونلاشقاندا ھەربىي ياردەمنى شەرت قىلىپ، قارشى تەرەپنى ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى نامزاتى بايدىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خۇنتنى تەكشۈرۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى پاش قىلغان.

  «ئۇكرائىنا بىلەن ئالاقە قىلىش» ئامېرىكىنىڭ ھاكىمىيەت ئىچى-سىرتىنى زىلزىلىگە سالدى، دېموكراتلار پارتىيەسى ترامپنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، شەخسىي سىياسىي مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئارىلىشىشى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكىگە قاتتىق رەددىيە بەردى.

  ئاق ساراي ئىلگىرى بىر مەھەل پارلامېنتقا تېلېفون سۆزلىشىشىنىڭ مەزمۇنىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ غەزىپىنى يەنىمۇ قوزغىدى، بۇنىڭ بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسى ئىچىدە زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەشنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشتى. پارتىيە ئىچىنىڭ پىكىرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، پېلوسى ئاخىرى ئەيىبلەش تەكشۈرۈشىنى باشلاشقا قوشۇلدى.

  ترامپ ئەيىبلەش تەكشۈرۈشى ئالدىدا 9-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇنىڭغا يول قويدى. ئۇ تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىدىغان ھەربىي ياردەمنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ يەنە 9-ئاينىڭ 25-كۈنى سۆزلىشىش مەزمۇنىنى ئېلان قىلىشقا قوشۇلدى.

  پېلوسى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى پارلامېنتتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، ترامپ «ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش قەسىمى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئامېرىكا سايلىمىنىڭ سەمىمىيلىكىگە خىلاپلىق قىلدى»، دېدى.

  پېلوسىنىڭ ئىپادىسىگە ئاساسەن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتى، ئاخبارات كومىتېتى، دىپلوماتىيە كومىتېتى قاتارلىق ئالتە كومىتېت ئايرىم- ئايرىم ھالدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرىدۇ.

  نىيۇيوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ترامپ شۇ ھامان ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەيىبلەش تەكشۈرۈشى «پېرىخون ئوۋلاش ھەرىكىتى» دېدى.

  ترامپ تېۋىتتىردا مۇنداق دېدى: دېموكراتلار پارتىيەسى قەستەن قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلماقچى، «پېرىخون ئوۋلاش ھەرىكىتى» توغرىسىدىكى ئەخلەت ئۇچۇرلار تاراتقۇلارنىڭ باش سىتونىنى ئىگىلىدى، بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئازابلىق ئىش. ئۇ ئاندىن يەنە ئىنگلىزچە ھەرىبلەرنىڭ ھەممىسى چوڭ يېزىلغان تېۋىتتىر يازمىسى ئېلان قىلىپ، ئەيىبلەش تەكشۈرۈشى زۇڭتۇڭغا قارىتىلغان پاراكەندىچىلىك، دېدى.

  پېلوسىنىڭ قارارى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە غايەت زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى 235 ئەزاسى ئىچىدە 202 ئەزا ئەيىبلەش تەكشۈرۈشىنى قوللايدىكەن، لېكىن بەزى پارلامېنت ئەزالىرى مۆتىدىل پوزىتسىيە تۇتقان، ھەتتا ئەيىبلەشكە قارشى تۇرغان. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى تەرەپتە %40 كە يېقىن پارلامېنت ئەزاسى ئەيىبلەشكە قارشى تۇرغان، قالغان پارلامېنت ئەزالىرى تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

  دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىۋاتقان ھاۋاي ئىشتاتى فېدېراتسىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى تۇرسى گاباد مۇنداق دېدى: ھازىر ئەيىبلەش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن.

  ئالاقىدار تەرتىپ بويىچە، ئاۋام پالاتاسى ئەيىبلەش تەكشۈرۈشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئەگەر زۇڭتۇڭنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بار دەپ بېكىتسە، ئەيىبلەش ماددىسىدىن بىرنى شەكىللەندۈرۈپ، زۇڭتۇڭنى ئەيىبلىشى كېرەك. قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئەيىبلەش ماددىلىرى ئالدى بىلەن ئاددىي كۆپ سانلىق ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى، ئاندىن يەنە ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك.

  گەرچە ئاۋام پالاتاسىدا دېموكراتلار پارتىيەسى كۆپ ساننى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن كېڭەش پالاتاسىنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كونترول قىلىدۇ، شۇڭا ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ترامپنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەيىبلەش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئەيىبلەش چېتىلىدىغان نۇرغۇن تەپسىلاتلار قانۇندا بەلگىلەنمىگەن. دۇك داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ۋالتېر دېلىنگېر مۇنداق دېدى: كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىقلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماكوننېلنىڭ كونتروللۇقىدا، كېڭەش پالاتاسى ھەتتا ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئەيىبلەش ماددىلىرىنى قاراپ چىقىشنى بىۋاسىتە رەت قىلىشى مۇمكىن.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە ئەيىبلەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسىمۇ، لېكىن 2020-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەيىبلەش تەكشۈرۈشى سايلام ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەيىبلەش تەكشۈرۈشىنىڭ سايلام ئەھۋالىنىڭ ئۆزىلىرىگە پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. دېموكراتلار پارتىيەسى ترامپنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەققىدىكى «ئەمەلىي پاكىتلار»نى بايقاشنى ھەمدە ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بولسا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ھۇجۇمىنىڭ بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلاش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سىياسەت تەھلىلچىسى فورت ئوكوننېل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ترامپنى ئەيىبلەشنىڭ ئەل رايى ئاساسى يوق، دېموكراتلار پارتىيەسى ئەگەر جاھىللىق بىلەن ئىلگىرى سۈرسە ئۆزىلىرى ئازار يېيىشى مۇمكىن.

  تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپنىڭ سايلام ئۆمىكى قوللىغۇچىلىرىغا «ياردەم بېرىش» ھەققىدە نۇرغۇن پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىپ، قوللىغۇچىلارنىڭ ئىئانىنى كۆپەيتىپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى «مەغلۇپ قىلىش»ىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ