مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى

2019.09.29 17:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  لوندوننىڭ شىمالىدىكى جىمجىت بىر قەبرىستانلىقتا ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى سىتىفىن پېرى قىزى جۇدىنىڭ يۆلىشى بىلەن چىملىقتا ئاستاغىنا بىر دەستە گۈل قويدى. بۇ سىتىفىننىڭ دادىسى جېك پېررى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن جاي ئىدى.

  دادىسى جېك پېرىنىڭ يېتەكلىشى بولمىغان بولسا، ستېفىن پېررىنىڭ جۇڭگو بىلەن بۇنداق قويۇق رىشتىسى بولمىغان بولاتتى. دادىسىنىڭ جەسەت كۈلى چېچىلغان چىملىققا قاراپ چاچلىرى ئاقارغان، 71 ياشلىق سىتىفىننىڭ كۆز چانىقى نەملەشتى .

  جېك پېررى جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدىكى «مۇز يارغۇچى». 1953-يىلى لوندون ئېكسپورت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جېك پېررى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ سودا-سانائەت ساھەسىدىكى بىر نەچچە ۋەكىل غەربنىڭ يېڭى جۇڭگونى قامال قىلىشىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ بېيجىڭغا زىيارەتكە كېلىپ، ئەڭ بۇرۇنقى جۇڭگو بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىنى باشلىغان. سىتىفىن شۇ چاغدا ئاران بەش ياشتا ئىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، 70 ياشلىق سىتىفىن پېررى يەنىلا روھلۇق بولۇپ، ئۇ: «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 70 يىل بولاي دەپ قالدى، مېنىڭ يېشىم بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاش . جۇڭگو ئۇزۇن ھەم مۆجىزىگە تولغان يولنى بېسىپ ئۆتتى، دېدى.

  دادىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە، قەبرىستانلىقتا پېررىنىڭ قەبرە تېشى قويۇلمىدى، بۇ جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئابىدىلىك شەخس ئۇيقۇغا كەتكەن جايدا ئۆزىنىڭ نامىنى قالدۇرمىغان ئىدى، لېكىن ستېفىن ئۈچۈن ئېيتقاندا، دادىسى ئۇنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان .

  1972-يىلى ياش سىتىفىن تۇنجى قېتىم دادىسىغا ئەگىشىپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن. شۇ يىلى جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىدى. چەكسىز كەتكەن شاللىق ۋە ئېتىزلىقتا جاپالىق ئەمگەك قىلغان جۇڭگو خەلقى سىتىفىننىڭ جۇڭگوغا بولغان ئەڭ دەسلەپكى تەسىراتى ئىدى. سىتىفىن شۇ چاغدا مەن بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرگەن ئىدىم، دەيدۇ.

  1993-يىلى ستېفىن دادىسى قۇرۇشقا قاتناشقان ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى بولدى. ستېفىننىڭ باشقۇرۇشى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە 48 گۇرۇھنىڭ جۇڭگو ۋە ئەنگلىيەدىكى شەخس ياكى ئاپپارات ئەزاسى 600دىن ئاشتى، سودا، مەدەنىيەت، دىپلوماتىيە، ئىلىم-پەن قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى قاپلىغان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن غەرب مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، بولۇپمۇ جۇڭگو- ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، سىتىفىن «جۇڭگو-ئەنگلىيە دوستلۇقىنىڭ ۋارىسى، جۇڭگو-ئەنگلىيە ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى» بولۇش سۈپىتى بىلەن «جۇڭگو ئىسلاھات دوستلۇق مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

  70 يىل تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ، يەر شارىنى باشقۇرۇشقا پائال قاتنىشىۋاتقان دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولۇپ قالدى. سىتىفىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: قورۇقچىلىق ئەۋج ئېلىۋاتقان، خەلقئارا مۇھىت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىشكە ۋەدە بەردى، بۇ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو داۋاملىق ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇردى ھەمدە دۇنيا كۆپ تەرەپلىك، كۆپ مەنبەلىك، بۇ دۇنيا ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق، دەپ قارىدى.

  سىتىفىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ ، بىر يول» تەشەببۇسى «دۇنيانى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ» . ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپلا قالماي، بۇ رايونلارنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىپ، يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق. جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى قۇرۇق ۋەدە ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەت .

  ستېفىن كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ جۇڭگونىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ھەرىكىتىگە ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچىمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، دۇنيادىكى ئىناۋىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. لېكىن بەزى دۆلەتلەردە جۇڭگوغا نىسبەتەن يەنىلا چوڭقۇر خاتا چۈشەنچە مەۋجۇت، جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ ئالاقىسى بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا. «مۇز يېرىش» ئۇزاق بىر جەريان.

  2008-يىلى 48 گۇرۇھ كۇلۇبى ئىككى دۆلەت ياشلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ «ياش مۇز يارغۇچىلار» تەشكىلاتىنى قۇردى، سىتىفىننىڭ پەرزەنتلىرىمۇ بۇنىڭغا قاتناشتى. سىتىفىننىڭ قىزى جۇدى مۇخبىرغا دادامنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەلگۈسىدە جۇڭگو - ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە تېخىمۇ كۆپ رول ئويناشنى خالايمەن، دېدى. «جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ تاماملىشىغا موھتاج. قىزىنىڭ ھەمراھلىقىدا ستېفىن تېخىمۇ مۇلايىم ھەم قەتئىي كۆرۈنەتتى. جېك پېررى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن جاي ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر بىلەن ئورالغان ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ