مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى ئېچىلدى

2019.09.29 17:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇپ، ھەمكارلىق ئارزۇسىنى تەڭ بەرپا قىلىش» باش تېمىسىدىكى 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى گۇاڭشىنىڭ نەننىڭدا ئاخىرلاشتى. بۇ يىل «جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ 2030-يىللىق ئارزۇسى»نىڭ باشلىنىش يىلى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە بىر قاتار مۇنبەر ۋە ئىقتىساد-سودا پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى .

  ۋىيېنتيان شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىخېڭ شىتىلساي مۇنداق دېدى :

  جۇڭگو-لائوس چېگراسىدا شىمالدا پورت مودىندىن باشلىنىپ، جەنۇبتا لائوسنىڭ پايتەختى ۋىيېنتيانغا تۇتىشىدىغان جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولى ياسىلىۋاتىدۇ، بۇ جۇڭگو ئاساسىي مەبلەغ سېلىپ قۇرغان، جۇڭگو-لائوس بىرلىكتە يۈرۈشتۈرىدىغان ھەمدە جۇڭگو تۆمۈر يول تورى بىلەن بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلغان چېگرا سىرتىدىكى تۆمۈر يول تۈرى بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، 2021-يىلى پۈتىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، لائوس «قۇرۇقلۇق دۆلىتى» دىن «قۇرۇقلۇق بىرلەشمە دۆلىتى» گە ئايلىنىدۇ، بۇ لائوسنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە لائوسنىڭ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  بۇلتۇر 11-ئايدا «جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ 2030-يىللىق ئارزۇسى» رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ بېرىلدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەت جۇڭگو بىلەن«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىدى. بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە «جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ 2030-يىللىق ئارزۇسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باش تېما قىلىنغان بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئومۇمىي پىلانى 2025 » نى جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  2003-يىلى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتتى، 16 يىلدىن بۇيان ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو ئۇدا 10 يىل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى بولدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى بولدى. ھازىر جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى .

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى 15 يىل ئىلگىرى گۇاڭشىنىڭ نەننىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش-كۆرگەزمىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىسى، ماشىنىسازلىق جابدۇقلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسى، يېڭى ماتېرىيالى قاتارلىق كۆرگەزمە رايونلىرى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزگىچە كۆرگەزمە رايونى كۆرگەزمىدە باش رول ئوينىدى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، سىپىرلىق ئىقتىساد، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. كېلەر يىلى دەل جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سىپىرلىق ئىقتىساد ھەمكارلىق يىلى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، سىپىرلىق سودا، G 5تورى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق .

  جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىسى كۈنسېرى كۆپەيدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ بىرىنچى چوڭ ساياھەت مەنزىلى بولۇپ قالدى، 2018-يىلى ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ بېرىش-كېلىشى 57 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى، ھەر ھەپتىدە 4000 غا يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلان جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا قاتنىدى.

  ئىككى تەرەپنىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، ئاقىللار ئامبىرى، ياشلار، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشىمۇ كۈنسايىن چوڭقۇرلاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭشى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۆزنىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشقا جەلپ قىلدى. ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى گۇاڭشى ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 15 مىڭدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 9000 دىن ئارتۇق ئادەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن بولۇپ، گۇاڭشى مەملىكەت بويىچە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان .

  بۇ نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىر تۈركۈم كەسپىي مەكتەپلىرى، كارخانىلىرى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سىپىرلىق ئىقتىسادتا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى نەننىڭدا قۇرۇلدى، جۇڭگو مائارىپ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى مالايشىيا ئادەم كۈچى بايلىقى مىنىستىرلىقى بىلەن ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى .

  بۇ يىل جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاراتقۇلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش يىلى، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە يېڭى تاراتقۇ مۇنبىرى ۋە تېلېۋىزىيە سودا يەرمەنكىسىدە، جۇڭگو تاراتقۇ ئاپپاراتلىرى ھىندونېزىيە، فىلىپپىن، سىنگاپور تاراتقۇلىرى بىلەن ئالاقىدار ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئىمزالىدى، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تور ئۈن-سىن كەسپى بازىسى ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ