مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا ياسىمىچىلىق يىغىنىدا جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ يەر شارىغا پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى

2019.09.29 17:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەركەزلەشتۈرۈپ ئىمزالانغان تۈر 638 گە، سېلىنغان مەبلەغ 735 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتتى.مانا بۇ يېقىندا يېپىلغان دۇنيا ياسىمىچىلىق يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە.

  بۇ قېتىمقى يىغىنغا78 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 4500 دىن ئارتۇق مېھمان قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەللەردىن كەلگەن مېھمانلار 1700دىن ئاشىدۇ.دۇنيا خېفېيدا جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ رىتىمىنى ھېس قىلدى.

  يىغىنغا قاتناشقان كۆپلىگەن كىشىلەر : نۆۋەتتە يەر شارى ياسىمىچىلىقى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە، بۇ ۋاقىتتا جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىدە مۇنداق كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈلۈشى دەل ۋاقتىدا بولدى دېدى.

  گېرمانىيە ئاپتوموبىل يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى تەمىنات سودىسى چوڭ قۇرۇقلۇق گۇرۇھى 150 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە.بۇ گۇرۇھنىڭ يەر شارى مۇئاۋىن لىدىرى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ لىدىرى فېرناند بىز ئىزچىل تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىۋاتىمىز، دېدى.

  ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 10 يىل ئىلگىرى، چوڭ قۇرۇقلۇق گۇرۇھى خېفىيدا بىر بالون زاۋۇتى قۇرغان ئىدى.بۈگۈنكى كۈندە بۇ زاۋۇت گۇرۇھىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا ئايلىنىپ، بەش مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ جەلپ قىلدى.

  فېرناند مۇنداق دېدى: بىز بارلىق كارخانىلارنى رەقەملىك تىپىنى ئۆزگەرتىشنى كارخانا ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ئۆزگىرىش يېڭى تېخنىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئاخىرىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىمىز، بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا جۇڭگو مۇۋاپىق جاي، خېفېيمۇ مۇۋاپىق شەھەر.

  بۇ قېتىمقى دۇنيا ياسىمىچىلىق يىغىنى جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كۆرگەزمىسى دەپ ئاتالدى. ئەنگلىيە دېبى شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى ئاللېن سمىس كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن،مەن جۇڭگونىڭ نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كۆردۈم، بۇ ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا جۇڭگودا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىش دېدى.

  يىغىن نەق مەيدانىدا كۆك رەڭلىك ئەنگلىيە سارىيى ئادەم بىلەن لىق تولدى،بۇ ئەنگلىيەنىڭ دۇنيا ياسىمىچىلىق يىغىنىنىڭ تۇنجى ئاساسلىق مېھمان دۆلىتى سۈپىتىدە تەسىس قىلغان دۆلەت سارىيى.

  ئەنگلىيەنىڭ سودا، ئېنېرگىيە ۋە كەسىپ ئىستراتېگىيەسى مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرىي2- ئەمەلدارى ناچىم زاخاۋى 40 نەچچە ئەنگلىيە كارخانىسى ۋە تەشكىلاتىنى ئېلىپ يىغىنغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيادا غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن غايەت زور پۇرسەتكە قارىتا ئەڭ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ۋاسىتىسى ئېچىۋېتىش، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش، يەر شارى ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش.

  جۇڭگو ياسىمىچىلىقنى كەڭ ئېچىۋېتىپ، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىجازەتلىك كىرىشتىكى پاسسىپ تىزىملىكنى قىسقارتىۋاتىدۇ.جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئىشلىرى سان جەھەتتە گەۋدىلەندى يەنى يىغىندا مەركەزلىك ئىمزالانغان تۈر سانى %46، سېلىنغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى يىغىندىكىدىن 64 %ئاشتى، ئەڭ چوڭ تاشقى مەبلەغ بىلەن ئىمزالانغان تۈرگە سېلىنغان مەبلەغ 10 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش قەدىمى يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارنىڭ كۆزىگە ھەقىقىي چېلىقتى.1974- يىلى، ياش پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى فىشېل تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى. كېيىن ئۇ يەنە كۆپ قېتىم جۇڭگونى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلەرگە گۇۋاھ بولدى. ئۇ ھازىرقى جۇڭگو پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەن قىياپەتتە كىردى دېدى.

  گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى، دۇنيا ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار ئىتتىپاقىنىڭ يەر شارى رەئىسى ۋۇلف يىغىندا بىز تېخىمۇ ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەنى ساقلاشقا، ھەم تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن بازارغا موھتاج دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ۋۇلف مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشالمىز، يەر شارى مىقياسىدا ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى- بىر بەلباغ، بىر يول رامكىسى ئىچىدە ناھايىتى ياخشى گەۋدىلەندى.

  ئىراق زۇڭلىسى ئابدۇللا مەھدى مۇنداق دېدى ئىراقنىڭ نۇرغۇن ئۇل ئەسلىھەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، نۇرغۇن ساھەلىرى يەنىلا ناھايىتى ئارقىدا، بىز جۇڭگو ۋە بارلىق دوستلاردىن تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

  ئابدۇللا مەھدىلا جۇڭگو سانائەت قاتارلىق ئاساسلىق ساھەلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە دەپ قاراپ قالماي، پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرمۇ جۇڭگو بازىرىنىڭ غايەت زور ئېھتىياجى ۋە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنىڭ چەكسىز يوشۇرۇن كۈچىگە قىزىقتى.

  فىشېل مۇنداق دېدى: ئاۋسترىيە سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  گېرمانىيە ئاممىباب ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئاستىدىكى سېيات گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى لۇكا دې مېئو :بىز ھەر كۈنى جۇڭگودىن يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋاتىمىز دېدى.ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : ئىككى يىل ئىلگىرى ئاممىباب گۇرۇھى بىلەن جياڭخۇەي ئاپتوموبىلى جۇڭگودا شېرىك شىركەت قۇرۇپ، ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە سېتىشقا كۈچ چىقاردى، بۇ شىركەتنىڭ تۇنجى ماركىلىق ئاپتوموبىلى بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن رەسمىي بازارغا سېلىنىدۇ.

  يىغىن يېپىلىپ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار دۇنيا ياسىمىچىلىقىنىڭ يىغىن تەشكىلىي كومىتېتى ئېلان قىلغان خېفېي تەشەببۇسىدا ئېيتىلغاندەك، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش،ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى بىرلىكتە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ،قول تۇتۇشۇپ ياسىمىچىلىقنىڭ ئەتىسىگە قەدەم تاشلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ