مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو «دوستلۇق مېدالى»غا ئېرىشكۈچى، تايلاند مەلىكىسى شىلىنتۇڭ

2019.09.29 17:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  «جۇڭگو - تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرى» تايلاندتا كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. نەچچە مىڭ يىللىق دوستانە ئالاقە تارىخى، نەچچە يۈز يىللىق جۇڭگو كۆچمەنلىرىنىڭ سىڭىشىشى، يېڭى دەۋردىكى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، جۇڭگو - تايلاند دوستلۇقى ئەۋلادمۇئەۋلاد دوست ئەربابلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، تايلاندنىڭ مەلىكىسى شىلىنتۇڭ مانا ئۇلارنىڭ ئۈلگىسى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن چەت ئەللىك دوستلار جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قوللاپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىللەر، ئالتە نەپەر چەت ئەللىك سىياسىي ئەرباب ۋە خەلقئارادىكى دوست ئەربابقا «دوستلۇق مېدالى» بېرىشنى قارار قىلدى.

  مەلىكە شىلىنتۇڭ ئۆزىنىڭ «دوستلۇق مېدالى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا مۇنداق دېدى: مەن ئىنتايىن خۇشاللىق ۋە شەرەپ ھېس قىلدىم، جۇڭگونىڭ بۇنداق يۇقىرى شان-شەرەپنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

  «جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ». كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىلىنتۇڭ ئۆزىنىڭ بۇ شېئىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يېشىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە تايلاند بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

  1955-يىلى 4-ئايدا، شىلىنتۇڭ باڭكوكتا تۇغۇلغان، ئۇ تايلاندنىڭ ئالدىنقى پادىشاھى پۇمىفېڭ ۋە شىلىجى خان ئانىنىڭ ئىككىنچى قىزى.

  شىلىنتۇڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يازما زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ دۆلەتنى بىلەتتىم، گەرچە ئۇ چاغدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تايلاند تېخى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەن يېڭى جۇڭگونىڭ رادىيوسىدىن يېڭى جۇڭگونىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.

  1975-يىلى جۇڭگو بىلەن تايلاند رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. 1980-يىلى شىلىنتۇڭ ئانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئانام ئىلگىرى ماڭا جۇڭگولۇقلار كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئالىدۇ، خەنزۇ تىلىنى بىلسىڭىز تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالىسىز،دېگەن ئىدى، ئەمەلىيەتتىمۇ خۇددى ئانام ئېيتقاندەك بولدى.

  1981-يىلى 5-ئايدا، شىلىنتۇڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ، بېيجىڭ، شىئەن، چېڭدۇ، كۈنمىڭ قاتارلىق جايلاردا ساياھەت قىلدى، ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، «ئەجدىھا دۆلىتىنى زىيارەت» ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى يازدى. 9 يىلدىن كېيىن، شىلىنتۇڭ جۇڭگونى 2-قېتىم زىيارەت قىلىپ، يىپەك يولىنى بويلاپ شىئەن، لەنجۇ، دۇنخۇاڭدىن قەشقەرگە كەلدى، بۇ قېتىمقى سەپەردە ئۇ «تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇقتىكى ئون مىڭ چاقىرىملىق سەپەر»دېگەن ئىككىنچى ساياھەت خاتىرىسىنى يازدى. 1997-يىلى، شىلىنتۇڭ شياڭگاڭ ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، «بۈيۈك جۇڭخۇاغا قايتىش» دېگەن كىتابتىكى سۈرەت ۋە يېزىق ئارقىلىق تايلاند ئوقۇرمەنلىرىگە بۇ مۇھىم پەيتنى تونۇشتۇردى. ھازىرغىچە شىلىنتۇڭ جۇڭگونى 48 قېتىم زىيارەت قىلىپ، جۇڭگودىكى بارلىق ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايونلارنى دېگۈدەك زىيارەت قىلدى.

  شىلىنتۇڭ يەنە جۇڭگونىڭ «ئۈمىد قۇرۇلۇشى» ۋە ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايون، يوشۇردىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا مەردلىك بىلەن ياردەم بەردى.

  شىلىنتۇڭ ئىزچىل خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تايلاند تىلىغا تەرجىمە قىلدى، ئۇ تاڭ-سۇڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، «قاشتېشى شېئىرلىرى» قاتارلىق تەرجىمە شېئىرلار توپلىمىنى تۈزۈپ، «جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» دېگەن شېئىرنى ئىجاد قىلدى. شىلىنتۇڭ جۇڭگو-تايلاند ئالاقىسىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى 2000-يىلى ئۇنىڭغا «جۇڭگو تىل-مەدەنىيەت دوستلۇق مۇكاپاتى»نى بەردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىلىنتوڭنىڭ جۇڭگوغا كۆڭۈل بۆلۈشى تىل، تارىخ، مەدەنىيەتتىن پەن - تېخنىكا ۋە مائارىپ ساھەسىگە كېڭەيدى. شىلىنتوڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، ئۇنىڭ ئانا مەكتىپى جۇلالوڭكوڭ داشۆسى بىلەن بېيجىڭ داشۆسى ھەمكارلىشىپ جۇلالوڭكوڭ داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنى قۇردى.

  2013-يىلى 4-ئايدا، شىلىنتۇڭ جۇڭگونىڭ تيەنجىندە زىيارەتتە بولۇپ، تايلاند بىلەن تيەنجىننىڭ كەسپىي مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. ئارقىدىن، جۇڭگو-تايلاند ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، تايلاند داچېڭ تېخنىكا شۆيۈەنى 2016-يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى «لۇبەن سىنىپى»نى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى جۇڭگوچە كەسپىي مائارىپ دەرسخانىسى بىلەن تەمىنلىدى. تيەنجىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەنە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەپ، تيەنجىن كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتتى.

  شىلىنتۇڭ يازما جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ مائارىپ ئورگانلىرى تايلاند ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇش تارىخى مائارىپى ۋە قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلەش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلىدى، تايلاندنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى، تەتقىقات ئاپپاراتلىرىمۇ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تەتقىقات تۈرىگە قاتناشسا بولىدۇ، مېنىڭچە بۇ تايلاند ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

  شىلىنتۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇقلار تېشىپ ئىشلەپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدۇ، بۇنى جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئاتا قىلغان. مېنىڭچە كەلگۈسىدە جۇڭگو چوقۇم تېخىمۇ ئىلغار بولۇپ، پەن تەتقىقات قاتارلىق ساھەلەردە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. دۆلەتلەر ئالاقىسى خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىدە، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالغاندىلا، ئاندىن بىزنىڭ دۇنيا بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ.#
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ