فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى شىراك ۋاپات بولدى

2019.09.27 15:04 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2006- يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، شۇ چاغدىكى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى شىراك پارىژدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ياك شىراك شۇ يەر ۋاقتى 26-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 86 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

  شىراك پارىژ سىياسىي شۆيۈەنى، فىرانسىيە دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن، ياش ۋاقتىدىلا دې گولغا ئەگىشىپ سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان. 40 ياشقا كىرمەيلا، ئۇ خەلق پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ 1974-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە، 1986-يىلىدىن 1988- يىلىغىچە ئىككى قېتىم زۇڭلى بولغان، 1995-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئىككى قېتىم فىرانسىيە زۇڭتۇڭى بولغان، فىرانسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دېگولىزمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىلى دەپ قارالغان، 2003- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشىغا كۈچلۈك قارشى تۇرغان.

  شىراك جۇڭگو مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان، فىرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنى «جۇڭگونى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم» دەپ ئاتىغان. ئۇ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى بولغان مەزگىلدە، تۆت قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان، جۇڭگو- فىرانسىيە ئىككى دۆلەت 1997-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، 2004-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ