74-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى باشلاندى

2019.09.25 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  9-ئاينىڭ 24-كۈنى، نيۇيوركتىكى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا، ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 74-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسى 24-چېسلا ب د ت باش ئىشتابىدا باشلاندى. 100دىن ئارتۇق دۆلەت باشلىقى، ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئىنسانىيەت ئورتاق دۇچ كەلگەن زور تەھدىت ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە كېڭىشىدۇ.

  ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس تەبرىك سۆزىدە «ب د ت خارتىيەسى»نىڭ «ئادەمنى ئاساس قىلىش» روھىنى ئېنىق تىلغا ئېلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەركىزىگە قويۇپ، ئاممىنىڭ تەشۋىشى ۋە ئارزۇسى، قايغۇسى ۋە تەلپۈنۈشىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ ساقلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ