سۈرەتتە: 19-سېنتەبىر فىرانسىيەنىڭ پارىژ ئېفېل تۆمۈر مۇنارى بويىدىكى ئۇرۇش ئىلاھى مەيدانىدا تارتىلغان تىنچلىق تېمى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيەنىڭ پارىژ ئېفېل تۆمۈر مۇنارى بويىدىكى ئۇرۇش ئىلاھى مەيدانىدا ئەينەك، مېتال قاتارلىق ماتېرىياللاردىن ياسالغان تىنچلىق تېمى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. تىنچلىق تېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 16.4 مېتىر، كەڭلىكى 13.8 مېتىر، ئېگىزلىكى 9 مېتىر كېلىدۇ، تام يۈزى خەنزۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 32 خىل تىلدا يېزىلغان «تىنچلىق» دېگەن خەتلەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 32 تال تۈۋرۈككىمۇ «تىنچلىق» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ