«كېلىننىڭ گۈزەل دەۋرى» ئىراقتا قويۇلدى

2019.09.19 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىراقنىڭ باغداد شەھىرىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى «كېلىننىڭ گۈزەل دەۋرى»نى كۆرمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق پايتەختى باغدادتا بۇ يىل يازدا يەنىلا تومۇز ئىسسىق بولۇپ كەتتى، بىراق يېقىندا ئىراق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلىۋاتقان ئەرەب تىلىدا ئاۋاز بېرىلگەن نۇسخىسىدىكى جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى «كېلىننىڭ گۈزەل دەۋرى» نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىگە كەچلىك كۆڭۈل ئېچىشتىكى ياخشى تاللاش ئېلىپ كەلدى.

  باغداد شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا، كىشىلەر تېلېۋىزوردا قويۇلۇۋاتقان «كېلىننىڭ گۈزەل دەۋرى» نى زوق بىلەن كۆردى. 36 قىسىملىق بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان شەھەر ئائىلىلىرىدىكى قېيىنئانا- كېلىن مۇناسىۋىتى ھەمدە يېڭى تويلىشىش قارىشىغا ئىگە ياشلارنىڭ تويلىشىش ھېكايىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، نۇرغۇن ئىراق تاماشىبىنلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ