ئالما شىركىتى ئالما يان تېلېفون قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى چىقاردى

2019.09.12 14:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى سان فىرانسىسكو قولتۇقى رايونىدا، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئامېرىكا ئالما شىركىتى شۇ جاي ۋاختى 10- سىنتەبىر كالىفورنىيە ئىشتاتى سان فىرانسىسكو قولتۇقى رايونىغا جايلاشقان جوبىس تىياتىرخانىسىدا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئالما يان تېلېفونى، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى ھەمدە يېڭى مەزمۇندىكى مۇشتەرى بولۇش ۋە مۇلازىمەت تۈرىنى يولغا قويدى، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كۇك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ