مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى فرانسىيەدە زىيارەتتە بولدى

2019.09.09 15:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تەشكىللىگەن جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە فرانسىيىدە زىيارەتتە بولۇپ، فرانسىيە مۇسۇلمانلار كومىتېتى ۋە فرانسىيە ئالىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە شۇ جايدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  6- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تەكلىپكە بىنائەن پارىژ مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە فرانسىيە مۇسۇلمانلار كومىتېتى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى فرانسىيىگە جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ۋە شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەربىيەلەش مەركىزى مەكتەپ خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قارىتا، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئوقۇتۇش دەرسى تەسىس قىلىندى. تەربىيەلەش مەركىزى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈرۈپ، كۇرسانتلارغا تېررورچىلىقنىڭ، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە تەسىرىنى تونۇتۇپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ تەسىرى ۋە كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق رايونى، قاراشلىق مىللەت ۋە ئېتىقاد قىلىدىغان دىنى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق.

  فرانسىيە مۇسۇلمانلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى دالىل بۇباكىر مۇنداق دېدى: بەزى ئەسەبىي كۈچلەر دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئاممىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتتى ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا ئۇرۇندى، بۇ خىل قىلمىش كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالغا ھەرقانداق دۆلەتتە يول قويۇلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ