دانىيەنىڭ ئايال پادىشاھى جۇڭگوغا ئىئانە قىلىنغان سىندېربېرگ ھەيكىلىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى

2019.09.02 15:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 31- كۈنى، دانىيە ئارخۇس شەھىرىدە دانىيەنىڭ ئايال پادىشاھىⅡ مارگېرىت (ئوڭدا ئۈچىنچى) ھەيكەلنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

  دانىيىلىك بېئىنخال سىندبېرگنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە نەچچە ئون مىڭلىغان مۇساپىرلارنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتىنى قوللاپ قانات ئاستىغا ئالغانلىقىنى خاتىرىلەش ۋە دۇنياغا تىنچلىقنى قوغداش ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، سىندېربېرگ ھەيكىلىنىڭ پۈتۈش يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى دانىيە ئارخۇس شەھىرىدىكى ماسېرسبۇرگ خاتىرە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. دانىيەنىڭ ئايال پادىشاھىⅡ مارگېرىت ھەيكەلنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. ھەيكەلنى جۇڭگولۇق سەنئەتكار شاڭ رۇڭ، فۇ لىچېڭ ۋە دانىيەلىك سەنئەتكار لېنا دېسمېنتىك قاتارلىقلار بىرلىشىپ تاراشلاپ ئويۇپ چىققان بولۇپ، نەنجىڭ شەھىرى ئۇنى ئارخۇس شەھىرىگە سوۋغا قىلغان ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ