ئەنگلىيەنىڭ 10- ئاينىڭ 31 - كۈنى « ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش » مۇددىتى كۈندىن - كۈنگە يېقىنلىشىۋاتقان پەيتتە، ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى ئېلزابېت ئىككىنچى 8-ئاينىڭ 28 -كۈنى زوراغالىق مەھكىمىسى يىغىنىدا باش ۋەزىر جونسۇن ئوتتۇرىغا قويغان پارلامېنتنى توختىتىپ تۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى.
نۆۋەتتە يازلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئەنگلىيە پارلامېنتى 9-ئاينىڭ 3 - كۈنى قايتىدىن ئېچىلىدۇ.ئېلزابېت جونسۇننىڭ ئىلتىماسى بويىچە، پارلامېنتنىڭ 9-ئاينىڭ 9 -كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە بىر قېتىم يىغىن توختىتىپ، 10 -ئاينىڭ 14 - كۈنىگىچە ئارام ئېلىشىنى تەستىقلىدى.
ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىر مەھكىمىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جونسۇن بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت ئەۋەتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھاياتى كۈچىگە تولغان يېڭى قانۇن چىقىرىش پىلانىنى 10-ئايدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاۋازىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.ھۆكۈمەت 10-ئاينىڭ 14 -كۈنى ئايال پادىشاھنىڭ پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، پارلامېنتنىڭ ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ