ئامازون رايونىدىكى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى مۇھىت ئاسراش ۋە تەرەققىيات تەدبىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىدۇ
بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بوسونارو 8-ئاينىڭ 28 -كۈنى ئامازون رايونىدىكى دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كولومبىيەدە يىغىن ئېچىپ، بۇ رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە تەرەققىيات سىياسىتىنى ئورتاق كېڭىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.بوسونارو مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ۋېنېزۇئېلادىن باشقا، بۇ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، سىياسەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، مۇھىتنى ئاسراش، ھەمدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئۇسۇلدا بۇ رايوننى ئىچىش ئۈستىدە كېڭىشىدۇ.ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامازون ئويمانلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 5 مىليون 500 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بىرازىلىيە، بولىۋىيە، كولومبىيە، ئېكۋاتور، گىۋىيانا، پېرۇ، سۇرىنام، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق سەككىز دۆلەتنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ