فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 8-ئاينىڭ 24 -كۈنى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئېچېلىشتىن بۇرۇن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودىسى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرىنىڭ بىرى، سودا ئۇرۇشىدىن ساقلىنىشنى مۇراجىئەت قىلىمەن. يېقىندا فىرانسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا رەقەملىك باج سەۋەبىدىن سودا ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشتى. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ بېشىدا فىرانسىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى لېمېر قانۇن لايىھەسى سۇنۇپ، دۇنيا ئىنتېرنېت ماگناتلىرىدىن رەقەملىك مۇلازىمەت بېجى ئېلىشنى پىلانلىدى. 7 - ئايدا پارلامېنتنىڭ ئىككى پالاتاسى بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. رەقەملىك باج ئېلىنىدىغان ھامان، ئامېرىكىنىڭ ئىنتېرنېت كەسپى ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ سەۋەبتىن فىرانسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە « 301 »تەكشۈرۈشى قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، تىرامپ يەنە فىرانسىيەنىڭ ئۈزۈم ھارىقىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىمىز دەپ تەھدىت سالدى.
8-ئاينىڭ 24-كۈنى، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يېغىنى فىرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كىچىك شەھەر بىئارتز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك مۇنداق دېدى : سودا ئۇرۇشىنى چوقۇم توختىتىش كېرەك، ئەگەر ئامېرىكا سىياسىي سەۋەب تۈپەيلىدىن تاموژنا بېجىنى قوللانسا، پۈتۈن دۇنياغا، جۈملىدىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. تۇسىك مۇخبىرنىڭ فىرانسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى رەقەملىك باجغا مۇناسىۋەتلىك توقۇنۇشى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى : ئەگەر ئامېرىكا فىرانسىيەنىڭ رەقەملىك بېجىدىن ئۆچ ئېلىشنى باھانە قىلىپ، فىرانسىيەنىڭ ئۈزۈم ھارىقىدىن تاموژنا بىجى قوشۇپ ئالسا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى فىرانسىيە بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ، ئامېرىكىغا مۇناسىپ ھەرىكەت قوللىنىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ