مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەنگلىيە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلسا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنىڭ ئەنگلىيەگە ۋاقتىنچە ئەركىن كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.08.28 13:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ياۋروپا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىر مەھكىمىسى 8-ئاينىڭ 24 - كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ئەگەر 10-ئاينىڭ 31 - كۈنى ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلسا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ئەنگلىيەدە ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە خىزمەت قىلىش ھوقۇقى ئاخىرلىشىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە قارىتا، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى جونسون مۇنداق دېگەن: ئەنگلىيە كۆچمەنلەرگە دۈشمەنلىك قىلمايدۇ، ئەنگلىيەگە كىرگەن كۆچمەنلەر دېموكراتىك ئۇسۇل ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى، ھۆكۈمەت، ئاۋسترالىيەچە ئىنتېگرال كۆچمەنلەر تۈزۈمىنى قوللىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ دېدى. ھەمدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ئەنگلىيە كۆچمەنلەرنىڭ جىنايەت خاتىرىسىنى تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈپ، جىنايەتچىلەر، ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ۋە جېدەل چىقارغۇچىلارنىڭ ئەنگلىيەگە كىرىشىنى چەكلەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ