مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

2019.08.28 13:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى « بىراۋا » ۋە « قېنىق كۆك » ناملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى : رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ « يۇرى دورگوروكى » ۋە « تۇرا » ناملىق يادرولۇق چۆكمە پاراخوتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا رۇسىيە ئاق دېڭىزى ۋە شىمالىي مۇز ئوكيان سۇ رايونىدىن « براۋا » ۋە « توق كۆك » ناملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەردى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا كانچاكا ۋە ئالخانگېرسك ئوبلاستىدىكى نىشانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەگدى.

  ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىش ئارقىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچى ۋە يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئىسپاتلىغان.

  « براۋا » قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى 8000 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، 6 دىن 10 غىچە يۇقىرى ئاۋازدىن تېز سۈرئەتتە ئۇچىدىغان تارماق يادرو ئوق بېشىنى ئىلىپ يۈرەلەيدۇ. « توق كۆك » سۇيۇق يېقىلغۇلۇق قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇپ، سۇ ئاستىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىق قىلىپ ياساش تەجرىبىسىگە مول ماركيىف دۆلەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەركىزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ