چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن 8-ئاينىڭ 24 -كۈنى يېڭىدىن تەتقىق قىلىنغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى راكېتا زەمبىرىكىنى سىناق قىلىپ ئېتىشقا يېتەكچىلىك قىلغان، سىناق قىلىپ ئېتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: كىم جۇڭئۇن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى راكېتا زەمبىرىكى قورال سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە سىناق تەرىقىسىدە ئېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى ؛ سىناق تەرىقىسىدە ئېتىش ئارقىلىق، بۇ قورال سىستېمىسىنىڭ بارلىق تاكتىكىسى ۋە تېخنىكا ئالاھىدىلىكى پىلان كۆرسەتكۈچىگە يەتتى. كىم جۇڭئۇن بۇ قورال سىستېمىسىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولدى ھەم ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەردى.خەۋەردە بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىسىدە ئېتىش پائالىيىتىنىڭ كونكرېت ئورنى تىلغا ئىلىنمىدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ