سۇرىيە ھەربىي تەرەپ 8-ئاينىڭ 25 -كۈنى سەھەردە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : پايتەخت دەمەشقنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار 8-ئاينىڭ 24 -كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، سۇرىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇۋالدى. نۆۋەتتە ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.
ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ 8-ئاينىڭ 24 -كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : ئۇرۇش ئايروپىلانى دەمەشقنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى نۇرغۇن نىشانلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى : سۇرىيەدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى قارمىقىدىكى « مۇقەددەس شەھەر بىرگادىيسى » ۋە شىئە مەزھىپىدىكى باشقا قوراللىق كۈچلەر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى ئىسرائىلىيە ھەرىكىتى بۇ پىلاننى توسۇپ قالدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ