مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سۇداندا قاتتىق يامغۇر يىغىپ ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ 60 كىشى قازا قىلدى

2019.08.28 13:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  سۇدان سەھىيە مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 24 -كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : يېقىندا سۇداندا پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قارا يامغۇر يېغىپ ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، 60 ئادەم قازا قىلدى، 101 ئادەم يارىلاندى، 32 مىڭ ئائىلىنىڭ ئۆيى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ئۆرۈلۈپ چۈشتى، سەھىيەمېنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  بۇ يىل 8 - ئايدىن بۇيان، سۇداندا ئېغىر قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئۆلۈم- يېتىم ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، كەلكۈن يەنە باشقا جايلاردىن پايتەخت خارتۇمغا بارىدىغان ئاساسلىق يولنى ئۈزۈپ تاشلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇداندا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما 170 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلار ۋاقىتلىق تۇرالغۇ، ئىچىملىك سۇ قاتارلىقلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ