كېنىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سارا سەلىم 8-ئاينىڭ 23 -كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : كېنىيە جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، « بىر بەلباغ، بىر يول » قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ « سەككىز چوڭ ھەرىكىتى » نى بىرلىكتە يولغا قويۇپ، كېنىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
سەلىم مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى نۇرغۇن تەجرىبىلەر بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. جۇڭگونىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۈنسېرى ئۆستى، ياسىمىچىلىق كەسپى مۇقىم تەرەققىي قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كېنىيە ئۆرنەك قىلسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى مەدەنىيەتلەرمۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، بۇ مەدەنىيەتلەردە ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ ئەنئەنىسى ۋە تارىخى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولماقتا. كېنىيەمۇ ئۆزىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك .
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ