مىسىر قاتارلىق سەككىز ئەرەب دۆلىتى سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشىگە قوشۇلدى
سۇرىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئالامەتلەر كۆرۈلدى : مىسىر قاتارلىق سەككىز ئەرەب دۆلىتى سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشىگە قوشۇلدى. ئىران « يارىشىش گېزىتى » نىڭ 8-ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا: سۇرىيە ۋەزىيىتىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن سۇرىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدىمۇ يېڭى ئالامەتلەر كۆرۈلگەن، ھازىر ئاز دېگەندە سەككىز ئەرەب دۆلىتى سۇرىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىشىغا قوشۇلغان، ئۇلار ئايرىم ئايرىم مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىراق، لىۋان، تۇنىس، سۇدان، ئالجىرىيە ۋە بەھرەينلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ