يەمەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلدى
يەمەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى 8-ئاينىڭ 25 -كۈنى مەزكۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ شۇ كۈنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدىكى ئايرودۇرۇمغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. قۇسەي قوراللىق قىسمىنىڭ باياناتچىسى يەھيا سارىئا ماسىرا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق، بۇ قوراللىق كۈچنىڭ 8-ئاينىڭ 25 -كۈنى كەچتە 10 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن پايدىلىنىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جەنۇبىدىكى جىزان ئۆلكىسى ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلىپ، نەچچە ئون كىشىنىڭ قازا قىلىشنى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېيتتى. سالىئا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يەمەنگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى نىشانلارغا تېخىمۇ كۆپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى تۇركى 8-ئاينىڭ 25 -كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاگېنتلىقى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى شۇ كۈنى يەمەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى نىشانلىرىغا قويۇپ بەرگەن ئالتە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇپ قالدى ۋە بىتچىت قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ