ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك دۇنيا تىل داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى كۇزيىف يېقىندا پايتەخت تاشكەنتتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئاسان قولغا كەلمىگەن،شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئىجتىمائىي مۇقىملىقتىن ئايرىلالمايدۇ. كۇزىيىف مۇنداق دېدى : جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق تۈرلەر قىسقا مۇددەت ئىچىدە كەينى ـ كەينىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. كۆپ يىل نەق مەيداندا كۆزىتىش ئارقىلىق، مەن شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا نەپكە ئېرىشكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى كۆردۈم.
كۇزلىف مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان،جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى « شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش »، « شىنجاڭنىڭ بىر قانچە تارىخىي مەسىلىسى » ۋە « شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم تەربىيە خىزمىتى » دىن ئىبارەت ئۈچ پارچە ئاق تاشلىق كىتابنى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلدى، بۇ ئاق تاشلىق كىتابلار غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە بولغان گۇمانىغا ۋە قارا چاپلىشىغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەقىقىي شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ