مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دانىيەنىڭ باش ۋەزىر تىرامپنىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارال گىرېنلاندىيە ئارىلىنى سېتىۋالماقچى بولغانلىقى «بىمەنىلىك» دېدى

2019.08.23 15:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دانىيەنىڭ باش ۋەزىر مېت فرېزېرىكسون 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپنىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارال گىرېنلاندىيە ئارىلىنى سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئېنىقلىدى، ھەمدە بۇ ئوي «بىمەنىلىك» دېدى.

  گىرېنلاندىيە ئارىلى دانىيەنىڭ ئاپتونومىيە زېمىنى بولۇپ، يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى دانىيە ھۆكۈمىتى باشقۇرىدۇ.

  فرېزېرىكسون گىرېنلاندىيە ئارىلىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، شۇ جايدىكى تاراتقۇ « سېرمىتشاك گېزىتى » نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، گىرېنلاندىيە ئارىلىنى ساتمايمىز، « مەن تىرامپنىڭ راست شۇنداق قىلىمەن دەپ ئويلاپ قالماسلىقىنى كۈچلۈك ئۈمىد قىلىمەن » دېگەن .

  تىرامپ 8-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ يېقىندا ئارال سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى دەلىللىدى . ئۇ يېڭى جېرسېي ئىشتاتى مورستون بازىرىدا زۇڭتۇڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىغا چىقىش ئالدىدا ، ئارالنى سېتىۋېلىش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش ئەمەس، دېدى .

  تىرامپ كېلەر ئايدا دانىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، فرېزېرىكسون ۋە گىرېنلاندىيە ئارىلى يەرلىك ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى كىم گىلسون بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمالىي قۇتۇپ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

  ئاق ساراينىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى كۇدلو 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا فوكس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: تىرامپ ئالدىنقى ھەپتە مەسلىھەتچىلىرى بىلەن ئارالنى سېتىۋېلىش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلدى. مېنىڭ نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغۇم يوق . مەن پەقەت زۇڭتۇڭ زېمىن سېتىۋېلىش ئىشلىرىدىن ئاز-تولا خەۋەردار، ئۇ گىرېنلاندىيە ئارىلىنى قاناق سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى بىلىپ باقماقچى، دېمەكچى.

  كۇدلو مۇنداق دېدى: گىرېنلاندىيە ئارىلى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي، دانىيە گرېنلاندىيەدە نۇرغۇن قىممەتلىك قېزىلما بايلىقلارغا ئېرىشتى. ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى خاررى ترومېنمۇ ئىلگىرى گىرېنلاندىيە ئارىلىنى سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان .

  دانىيە ئامېرىكا بىلەن 1951-يىلى بىر تۈرلۈك مۇداپىئە شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئامېرىكىغا گرېنلاندىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تۇلې ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەرگەن .

  گىرېنلاندىيە ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ئانى لونا باگى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا: « بىز سودىغا ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىمىز، لېكىن بىز زېمىنىمىزنى ساتمايمىز، دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ