جۇڭگو ۋەكىلى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن 8-ئاينىڭ 20 - كۈنى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر مۇرەككەپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجابىي باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئەتىگە ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جاڭ جۈن «ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىك خىرىسى » بويىچە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنازىرە يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك رايون دۆلەتلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىزچىل ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ