مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ ئۈچ ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە شەرتنامىدە مەنئى قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق تەرىقەسىدە قويۇپ بەردى

2019.08.23 15:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئامېرىكا ئارمىيە تەرەپ 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالدىنقى كۈنى ئېتىلىش مۇساپىسى 500 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىش ئامېرىكىنىڭ « ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى » دىن چېكىنگىنىگە ئۈچ ھەپتە بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئىلىپ بېرىلدى. رۇسىيە پارلامېنتنىڭ بىر ئەزاسى مۇنداق دېدى : شەرتنامىدىن چېكىنگەندىن كېيىن،شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چەكلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىش ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنلا بۇ شەرتنامىدىن چېكىنىپ چىقماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قىسقا خەۋەر ئېلان قىلىپ، شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 18 -كۈنى سائەت 14 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا فونىيە ئىشتاتىنىڭ سان نىكولاس ئارىلىدا بىر ئادەتتىكى ئوق بېشىنىڭ قۇرۇقلۇق ئۇلىنى ھەرىكەتچان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بەرگەنلىكىنى،ئۇنىڭ 500 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇچۇپ، نىشانغا دەل تەگكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سىناقتىن ئېرىشكەن تېخنىكا سانلىق مەلۇماتى ۋە تەجرىبىسى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقاتىغا ئىشلىتىلىدىكەن.

  تارقاتقان كۆرۈنمە چاستوتىدا كۆرسىتىلىشىچە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا تىك قويۇپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر چاسا شەكىللىك قويۇپ بېرىش تۇڭىدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن.

  بەش بۇرجەكلىك بىنا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تىپى ۋە نىشاننىڭ ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بىر باياناتچىسى رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا، بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىشتە M K - 41 تىپلىق قويۇپ بېرىش ئەسۋابىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى، لېكىن سىناق قىلىنغان قورال سىستېمىسىنىڭ رۇمىنىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇرۇقلۇق ئاساسى « زېئۇس قالقىنى » سىستېمىسىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: بۇ قېتىم سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىلگىنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ « جەڭ پالتىسى » ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن شەكلى بولۇپ، « ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى » دا چەكلەنگەن قورالغا تەۋە ئىكەن.

  «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى » نىڭ تولۇق ئاتىلىشى « سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى يوقىتىش شەرتنامىسى » بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى 1987 - يىلى ئىمزالىغان. شەرتنامىدە ئىككى دۆلەت 500 كىلومېتىردىن 5500 كىلومېتىرغىچە بولغان قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

  ئامېرىكا بۇ يىل 2 - ئايدا رۇسىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەت شەرتنامىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، شەرتنامىنى ئىجرا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالتە ئاي ئىچىدە شەرتنامىدىن چېكىنىش تەرتىپىنى يولغا قويۇپ، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى شەرتنامىدىن رەسمىي چېكىندى. شەرتنامىدىن چېكىنگەن شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئادەتتىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلىشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا تەرەپ شەرتنامىنى ئىجرا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان مەزگىلىدە، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئارمىيە تەرەپ 8 - ئاي ۋە 11 - ئايدا چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بەرمەكچى بولدى، ئېتىلىش مۇساپىسى تەخمىنەن 1000 كىلومېتىر، 3000 كىلومېتىر ۋە 4000 كىلومېتىرغىچە بولىدۇ دېدى.

  رۇسىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۇرى شۋىتكىن 8-ئاينىڭ 19 -كۈنى رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى : « بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقەسىدە قويۇپ بېرىش، ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل تۈردە « ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى » گە خىلاپلىق قىلىپ، ئىلگىرى ئۆز ئالدىغا كېلىشىمدىن چېكىنىشكە تەييارلىق قىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

  ئامېرىكا ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى كىنگستون رىف رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا : رۇسىيە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان M K - 41 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى « جەڭ پالتىسى » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىشكە ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئامېرىكا شەرتنامىگە خىلاپلىق قىلدى دېدى. بۇ قېتىم بۇ گۇرۇپپىنىڭ تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە ئېتىلىشى بولسىمۇ، رۇسىيە شۈبھىسىزكى بۇ دەل بىزنىڭ دېگىنىمىزنى ئىسپاتلىدى دەيدۇ.

  رۇسىيە تەرەپ مۇنداق دېدى : ئامېرىكا تەرەپ رۇسىيە تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلدى دېگىنى، « تەشۋىقات ھۇجۇمى ». رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋلادىمىر پۇتىن 8-ئاينىڭ 5 - كۈنى مۇنداق دېدى : ئامېرىكا تەسەۋۋۇر باھانىسى بىلەن « ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى » دىن ئۆز ئالدىغا چېكىنىپ چىقىپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش ساھەسىدىكى بۇ تۈپ شەرتنامىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئەڭ ئېغىر ئۇسۇل بىلەن دۇنيا ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرگە غايەت زور خەۋپ ئېلىپ كەلدى. بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى پۈتۈنلەي ئامېرىكا تەرەپ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  رۇسىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى فىرانز كلىنسېۋىچ 8-ئاينىڭ 19 - كۈنى رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى : « ئامېرىكىنىڭ « ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى » كۈچتىن قالغاندىن كېيىنكى ئىككى يېرىم ھەپتە ئىچىدە شەرتنامىدە مەنئى قىلىنغان قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىشى پۈتۈنلەي خەلقئارا جەمئىيەتنى مەسخىرە قىلغانلىق، بىز بارلىق تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل قوراللاردا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىنى توسۇمىز،لېكىن يېڭى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە كىرىپ قىلىشنى خالىمايمىز، سىممېتىرىك بولمىغان ئۇسۇل بىلەن تاقابىل تۇرۇشىمىز مۇمكىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ