مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىپايان دېڭىزدىكى بۇ پاراخوتنى ئامېرىكا توسۇپ قالالامدۇ؟

2019.08.23 15:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ھەر قانداق بىر تەرەپ ئەنگلىيەنىڭ چەتئەلدىكى زېمىنى گىبرالتار تەرىپىدىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنغان ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتىنىڭ قىرغاققا يېقىنلىشىشىغا ياردەملەشسە ياكى يول قويسا، ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن دېدى.

  تەھلىلدە، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ تىغمۇ-تىغ كۈچ سىنىشىش ۋەزىيىتى يەنە داۋاملىشىدۇ، لېكىن ئامېرىكا نېفىت پاراخوتى ئىشىدا ئىران بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشۇپ قېلىشنى ئويلىماسلىقى مۇمكىن دەپ قارالدى. بۇندىن باشقا، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ۋە ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىران مەسىلىسى، بولۇپمۇ «پاراخوت قوغداش ئىتتىپاقى» قۇرۇش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ مەۋجۇت.

  پومپىئو 8-ئاينىڭ 20-كۈنى تاراتقۇلارغا، ئىراننىڭ بۇ نېفىت پاراخوتى سۈرىيەگە بېرىپ، خام نېفىتنى مەبلەغكە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئامېرىكا تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسمىنى قوللىماقچى، ئامېرىكا بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ بۇنى توسىدۇ دېدى.

  بۇ نېفىت پاراخوتىنىڭ ئەسلى ئىسمى «گىرىس 1-نومۇر» بولۇپ، بۇرۇن پانامانىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان، ھازىر بولسا ئىراننىڭ دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان ھەم ئىسمى «ئادرىئان دارىيا 1-نومۇر»غا ئۆزگەرتىلگەن.

  ئامېرىكا لۇفۇت شىركىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تەخمىنەن ئىككى مىليون تۇڭ خام نېفىت بېسىلغان بۇ نېفىت پاراخوتى گىرېتسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كاراماتا پورتىغا قاراپ كېتىۋېتىپتۇ.

  ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىفى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى فىنلاندىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتىنى تۇتۇپ قېلىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ قانۇن ئاساسى بولماستىن، بەلكى ۋەقەنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈش ئۈچۈن، سىياسىي غەرەز چىقىش قىلىنغان دەپ كۆرسەتتى.

  ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇساۋى شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ بۇ نېفىت پاراخوتىنى داۋاملىق ئامال قىلىپ تۇتۇپ قېلىش-قالماسلىقى ھەققىدە، ئىران ھۆكۈمەت يولى ئارقىلىق ئامېرىكىغا زۆرۈر ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى، ئامېرىكىنىڭ خاتا قارارى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ دېدى.

  ئىران تاسنىم ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتناش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ئىران تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان ئەنگلىيەنىڭ «سىتاننېر ئىمپېرىيەسى» ناملىق نېفىت پاراخوت دېلوسى ئەدلىيە تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن تۇتۇپ قېلىنغان ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق دېدى.

  شاڭخەي چەتئەل تىللىرى داشۆسى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ جۇڭمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەنگلىيە ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە، ئەنگلىيە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە دىققىتىنى زىيادە چېچىشتىن ساقلىنىپ، ئىران بىلەن مەلۇم خىل مۇرەسسە ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن. ياۋروپانىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسى راست، ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى چەكلىك، بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە، يەنە ياۋروپا-ئامېرىكا-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ ئۈچ بۇلۇڭلۇق مۇناسىۋەت داۋاملىشىشى مۇمكىن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھەربىي زەربىدىن باشقا يەنە ئىرانغا چەكسىز بېسىم ئىشلىتىش سىياسىتىدە سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد قاتارلىق ۋاستىلارنى قوللاندى ھەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە ھەربىي جەھەتتە ھەيۋە قىلدى، ئىراندا قەتئىي بويسۇنۇش ئالامىتى كۆرۈلمىدى، ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى باسقۇچتا قوللىنالايدىغان سىياسەت ۋاستىلىرى بارغانسرى ئازلىدى، گەرچە ئامېرىكا نۆۋەتتە ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمىسىمۇ ئەمما تاسادىپى ئامىللار، ئۈچىنچى تەرەپ ئامىلى، ئىران پايدىلىنالايدىغان رايون كۈچى ئامىلى توقۇنۇش خەتىرىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا تارىخى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بى جيەنكاڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى باسقۇچتا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىراننىڭ ماي پاراخوتىنى مەجبۇرىي تۇتۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، چۈنكى ئىران بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشۇپ قالسا، بۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشىگە پايدىسىز. ئىران يەنىلا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قېلىپ، دىپلوماتىيە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇش تاكتىكىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، غەيرىي سىممېترىك ۋاسىتە ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ چەكسىز بېسىمىغا تاقابىل تۇرماقچى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن، بولۇپمۇ قىسمەن ھەربىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، پارىس قولتۇقىدا ئامرىكا بىلەن ھەربىي جەھەتتىن ھەپلىشىپ، پوپوزا قىلىدۇ. شۇڭا، ئەڭ بولمىغاندا كېلەر يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ئىككى تەرەپ ئامېرىكا - ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قۇرماقچى بولغان «دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئىتتىپاقى » ئاساسلىقى بىر خىل سىياسىي ئۆچىرەت تالىشىش، ئىراننى ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىش قورالى بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىش ئامېرىكىنىڭ ئىراننى ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىشىنى قوللاشتىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئۆزىنى خەتەرلىك قاينام – تاشقىنغا باشلىغانلىق، شۇڭا چوڭ دۆلەتلەر ئاسانلىقچە قاتناشمايدۇ.

  بىر يېرىم ئايدىن بۇيان، « پاراخودنى تۇتۇپ قېلىش ۋەقەسى»نىڭ ئاخىرى چىقمىدى. ھازىر ئەنگلىيە بىلەن ئىران ھەر ھالدا زىياننى توختىتىش، «مەسلىنى ھەل قىلىش» پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

  ئامېرىكىنىڭ«ھەممىگە قول ئۇزارتىپ باشقۇرۇش» تەلىپى ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن تارتىپ، ئامېرىكىنىڭ «دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئىتتىپاقى» نى قوللايدىغانلار ياۋروپادا ناھايىتى ئازلا قالدى، بۇ مۇنداق ئىككى نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى: بىرىنچى، ئىران مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەقىقەتەن «بىر كېمە» دە ئەمەس. ئىككىنچى، ئۆز دۆلىتىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسى بىلەن« ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» توقۇنۇشۇپ قالغاندا، يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان تەقدىردىمۇ، ھەمىشە بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان ئامېرىكىغا« ھەمراھ بولۇش تەس».
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ