قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 8-ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇرسۇلتان ئايرودۇرۇمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، ئايروپىلاندىكى 234 يولۇچى ۋە يەتتە ئايروپىلان خادىمىدا ئۆلۈم يېتىم بولمىدى.
قازاقىستان سانائەت ۋە ئۇل ئەسلىھە تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر دۆلەت سىكات ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ جۇڭگونىڭ سەنيادىن نۇرسۇلتانغا ئۇچقان V S V 464 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى شۇ يەر ۋاقتى 8-ئاينىڭ 20 -كۈنى سائەت 17 ئەتراپىدا نۇر سۇلتان ئايرودۇرۇمىغا قونۇشقا مەجبۇر بولغان. دەسلەپكى ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، ئايروپىلاننىڭ سول ئاساسىي ئۇچۇش قونۇش جازىسى ئارقا چاقى ئۇچۇش جەريانىدا زەخىمگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ