كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما ئارىلىدىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى
كورېيە ھۆكۈمىتى ياپونىيەگە خەت ئەۋەتىپ، ياپونىيە تەرەپتىن فۇكۇشىما ئارىلىدىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلەرنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
كورېيە « مەركەز گېزىتى » نىڭ 8-ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كىلىمات - مۇھىت ئىلىمى دىپلوماتىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى 8-ئاينىڭ 19 -كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ياپونىيەنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئىقتىسادىي ئەلچىسىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، ئادەتتىكى نوتىنى يەتكۈزگەن. نوتا مەزمۇنى خەلقئارا مۇھىت تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلغان ياپونىيە ھۆكۈمىتى پىلانلاۋاتقان فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا بىر تەرەپ قىلىنغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش ئىشىنىڭ راست ياكى ئەمەسلىكى، كەلگۈسىدىكى بىر تەرەپ قىلىش پىلانىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا رەسمىي جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ